نېپال بىلەن بۇتان دۈشەنبە كۈنى ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ھەمكارلىقىنى تېزلىتىش ئۈچۈن تۆتىنچى قېتىملىق تور سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
نېپال سانائەت، سودا ۋە تەمىنلەش مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى دۆلەت يىغىندا ئېتىبارلىق تاۋارلار تىزىملىكىنى قايتا كۆرۈپ چىقىشقا كېلىشكەن. يىغىندا يەنە كېلىش مەنبەسى گۇۋاھنامىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.
بۇتان نېپالنى ئىككى تەرەپلىك سودا كېلىشىمى ئىمزالاشقا چاقىردى. بۈگۈنگە قەدەر، نېپال ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ھىندىستان، رۇسىيە، جەنۇبىي كورېيە، شىمالىي كورېيە، مىسىر، بېنگال، سىرىلانكا، بۇلغارىيە، جۇڭگو، چېخ جۇمھۇرىيىتى، پاكىستان، رۇمىنىيە، موڭغۇلىيە ۋە پولشا قاتارلىق 17 دۆلەت بىلەن ئىككى تەرەپلىك سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى. نېپال يەنە ھىندىستان بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئېتىبار بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەمدە جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئېتىبار بېرىش مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن بولدى.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى